Kayseri Uygur mektep

Kayseri Uygur mektep kayseri Uygur mektep resmi sayfası

12/06/2025
داۋۇد ئەلقەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپىمىزدە قۇربان ھېيتنىڭ 1- كۈنى قەيسەرىدىكى ئەر ئايال چوڭ كىچىك خەلىق يىغىلىپ ھېيت نامىزىنى ...
08/06/2025

داۋۇد ئەلقەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپىمىزدە قۇربان ھېيتنىڭ 1- كۈنى قەيسەرىدىكى ئەر ئايال چوڭ كىچىك خەلىق يىغىلىپ ھېيت نامىزىنى بىللە ئوقۇپ ھېيتلىشىش پائالىتى ئۆتكۈزۈلدى چوڭ كىچىك ھەممەيلەنگە ھېيتلىق تارقىتىلدى ۋە بالىلارنىڭ سەرخىل قوشاق شىئىر تالىشىش ۋە چېلىشىشتەك نومۇرلار ئورۇنلىنىپ ھەممەيلەننىڭ كەيپىياتى خۇشاللىقتىن ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقتى
ھەممەيلەن چوڭ ئۆيلەرگە يىغىلىپ ئورۇق تۇققانلار يىغىلىشىپ بالىلارغا ھېيتلىق بىرىپ ۋەتەندىكىدەك بىر ھېيت كەيپىيات بولدى دەپ خۇشاللىقىنى ئىپادىلەشتى
ئاخىردا قۇربانلىق زىياپىتىدىن كىيىن ئاستا ئاستا ئۆيلىرىگە تارقىلىشتى

06/06/2025
داۇت ئەل قەيسىرى ئۇيغۇر مەكتىپىمىز  بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن  ھەرقايسى پەنلەردىن  بىر تۇتاش  ئىمتىھان ئالدۇق. 2025- يىل...
31/05/2025

داۇت ئەل قەيسىرى ئۇيغۇر مەكتىپىمىز بارلىق ئوقۇغۇچىلىرىمىزدىن ھەرقايسى پەنلەردىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئالدۇق. 2025- يىللى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى (جۈمە) ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرسەتكۈچىنى تارقىتىپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بالىلارنى دەرىجىلەر بويىچە مۇكاپاتلىدۇق.
مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى تارقىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش روھىنىڭ تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن مەدەت بەردۇق.ئۇنىڭدىن باشقا كېلىۋاتقان مۇبارەك ھېيتىمىزنى خوشال ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ھەدىيەلەر تارقىتىپ بالىلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈردۇق.
ئاتا-ئانىلار ،بارلىق ئۇستازلار جۈشقۈن كەيپىيات بىلەن بالىلارنىڭ ئورۇنلىغان بىر بىرىدىن سەر خىل نومۇرلىرىنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى، قىزغىن تەنتەنە قىلىشتى. كۆرسەتكۈچ تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئارقىسىدىن مەكتەپ مۇدىرى ئابدۇلغەپۇر داموللا ھاجىم تەسىرلىك ۋەز- نەسىھەتلىرى بىلەن بالىلارنى كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشىشقا چاقىرىق قىلدى. ئاتا- ئانىلارغا بىرلىكىمىز،قېرىنداشلىقىمىز ھەققىدە مۇھىم تەبلىغ قىلىپ بەردى. بۇ كۆڭۈللۈك پائالىيەتتىن كېيىن
قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش ۋە يازلىق تەتىلگە قۇيۇپ بېرىش ۋاقتى ئېلان قىلىنىپ ،ئاتا -ئانا ۋە ئوقۇغۇچىلار خوشال كەيپىيات ئىچىدە ياخشى تىلەكلەر بىلەن تارقالدۇق.
ئۈمۈتكى ! ئىنشائاللاھ كەلگۈسىمىز تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !       بۈگۈن  2025 03 - 30 -  روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى داۋۇت ئەل قەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپى ۋە ئۇيغۇر ج...
30/03/2025

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

بۈگۈن 2025 03 - 30 - روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى داۋۇت ئەل قەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي دەۋەت قىلىشى بىلەن قەيسىرىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك،ئەر-ئايال ئۇيغۇرلار قەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپىمىزگە يىغىلدى. ئۇلار ئۇستازلارنىڭ تەبلىغ -تەشۋىقاتى ۋە مەكتەپ،جەمئىيەت مەسئۇلى ئابدۇلغەپۇر دامۇللا ھاجىمنىڭ خۇتبىسى ۋە ۋەز- نەسىھەتلىرى بىلەن ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.
ھېيت نامىزىدىن كېيىن مەكتەپ مەسئۇلى ئابدۇلغەپۇر داموللام ھاجىم ھېيتلىشىش مۇراسىمىغا كەلگەن بارلىق بالىلارغا،ئاياللارغا ۋە ياشانغان ئاتا-ئانىلارغا ھېيتلىق تارقىتىپ بەردى.
قېرىنداشلار مۇساپىرلىق ھاياتىدىكى بۇ بىرلىكىمىزدىن ھۇزۇرلىنىپ شېئىر-قوشاق ئوقۇشتى، نەشىد دېكلاماتسىيە قىلىشتى.
ئاخىردا ھەممەيلەن ھېيتلىق زىپايەتتىن كېيىن ،ئۆزئارا كۈلكە-چاقلارقلار بىلەن، كۆڭۈلگە ھوزۇر سۆھبەتلەر بىلەن بۈگۈنكى ھېيتلىشىش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

2025 - 3- 26 - كۈنى يەنى رامىزاننىڭ 27- كېچىسى  داۋۇد ئەلقەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپى يىڭىدا قولىغا ئالغان ئىككىنجى ئىنجەسۇ خا...
27/03/2025

2025 - 3- 26 - كۈنى يەنى رامىزاننىڭ 27- كېچىسى داۋۇد ئەلقەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپى يىڭىدا قولىغا ئالغان ئىككىنجى ئىنجەسۇ خان يېرىدىكى مەكتىپىنى زىيارەت قىلىش ۋە تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قەيسەرىدىكى بارلىق چوڭ كىچىك ئەر ئايال ئۇيغۇرلانى چاقىرىپ بىرگە ئىپتار قىلىپ قېپ قالغانلار بىلەن قەدىر كىچىسىنى بىرگە ئۆتكۈزۈپ بامدات نامىزىنى ئوقۇپ قايتتى ،
كەلگەن مىھمانلار يىڭى تىنىچ مۇھىتتىكى ئازادە راھەت مەدرىس مەسچىت ۋە ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىپ ناھايىتى مەمنۇن بۇلۇشۇپ گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى .
سۆھبەت ئارلىقىدا داۋۇت ئەلقەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيتى مەسئۇلى ئابدۇلغەپۇر داموللاھاجىم مەكتەپ مەسئۇلى ۋە ئۇستازلارنىڭ 8 يىللىق تەلىم تەربىيە ۋە ئۇمۇمى خىزمەتلىرىنى ۋە مەكتەپنىڭ قۇرۇلغاندىن باشلاپ بۈگۈنغىچە ئۆتكۈزگەن كەچمىشلىرىنى ۋە يىڭى مەدرىسكە ئىرىشىش جەريەنلىرىنى خۇلاسىلىدى .

2025 -يىلى 26-مارت: مۇبارەك رامىزاننىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت.  2025-يىلى 26-مارت، مۇبارەك رامىزان ئايىنىڭ 26-كۈن...
26/03/2025

2025 -يىلى 26-مارت: مۇبارەك رامىزاننىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت.

2025-يىلى 26-مارت، مۇبارەك رامىزان ئايىنىڭ 26-كۈنىدە، داۋۇد ئەل-قەيسەرى ئۇيغۇر قۇرئان كۇرسىمىزدا چوڭ تىپتىكى بىر قېتىملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پروگراممىغا كوجاسىنان ناھىيە مۇفتىسى خېلىل ئۇزۇن ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ، مۇھىم ۋەز-نەسىھەتلەر قىلىپ، داۋۇد ئەل-قەيسەرى قۇرئان كۇرسىنى دائىم قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، كۇرسىمىزدا خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق ئۇستازلارنى، جۈملىدىن كۇرس مەسئۇلى ۋە جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغەفۇر ئۇستازنى قىلغان مۇھىم خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇفتى قىلغان ۋەز - نەسىھىتىدە، دۇنيانىڭ قەيەرىدە بولسۇن زۇلۇمغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردە ۋە خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ دائىم يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. پروگرامما دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا، داۋۇد ئەل-قەيسەرى ئۇيغۇر قۇرئان كۇرسىنىڭ مەسئۇلى ۋە جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇلغەفۇر جېلىل ئۇستاز كوجاسىنان ناھىيە مۇفتىسى خېلىل ئۇزۇن ئەپەندىگە بۇ پروگراممىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىپ، مۇفتىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ھەدىيە قىلدى.مۇفتى كەتكەندىن كېيىن، قۇرئان كۇرسىمىزدىكى بارلىق ئۇستازلار ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرگە يىغىلىپ، ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ۋە داۋۇد ئەل-قەيسەرى قۇرئان كۇرسىنىڭ ئىككىنچى بىر بىناغا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى قېتىم قۇرئان خەتىم قىلدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن، قۇرئان كۇرسىمىزغا ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەم قىلغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

ئاخىرىدا، رامىزاننىڭ ئاخىرىدا ئۇستازلارنىڭ ئېتىكاپقا كېرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، كېلىپ - كېتىدىغان ئوقۇغۇچىلار روزا ھېيتلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ ئەزىز قېرىنداشلار! تۆنۈگۈن يەنى 2024/11/16 كۈنى شەنبە قەيسەرى قادىر خاس س...
17/11/2024

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ
ئەزىز قېرىنداشلار!
تۆنۈگۈن يەنى 2024/11/16 كۈنى شەنبە قەيسەرى قادىر خاس سالونىدا، 2024 - يىللىق تۈركىيە دىيانەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن قەيسەرى ھاپىزلارنى تەبرىكلەش ۋە دىپلوم تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا قىز - ئوغۇل بولۇپ، جەمئىي 438 قارى قاتناشقان.
خۇشاللىنارلىق تەرىپى شۇكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىزدىنمۇ 9 ئوقۇغۇچى يەر ئالدى.
مۇراسىمغا قەيسەرىي ئۇيغۇر مەكتىپى مەسئۇلى ئابدۇلغەفۇر داموللاجىم باشچىلىقىدا، يېتەكچى ئۇستازلار ۋە ئاتا - ئانىلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ، قارىيلىقنى تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارنى مۇبارەكلىدى.
ئاللاھ تائالا قارىيلارىمىزنىڭ زېھنىنى ئۇچۇق قىلىپ بەرسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپلەپ قارىيلارنى چىقىرىپ بەرسۇن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ۋەبەركاتۇھھۆرمەتلىك، ئەزىز قېرىنداشلار!قەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپىمىز ھەرقايسى سېنىپلارغا يې...
19/08/2024

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ ۋەبەركاتۇھ
ھۆرمەتلىك، ئەزىز قېرىنداشلار!
قەيسەرى ئۇيغۇر مەكتىپىمىز ھەرقايسى سېنىپلارغا يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ۋە قارىيلىقنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئەرەبچە شەرىئىي دەرسلەرنى ئوقۇماقچى بولغانلارغا بەش يىللىق پىلان بويىچە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماقچى.
دۆلەت مەكتەپلىرىگە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت مەكتەپلىرىگە ئاپىرىپ مەكتەپتىكى دەرسلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەدرىسكە ئەكىلىپ، دەرىسلىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇرۇپ، قۇرئانىنى تىڭشاپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەرەبچە دىنىي دەرىسلەر ئۆگۈتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلاردىن ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ.
دەرىسلەرنى تەجرىبىلىك ئۇستازلار ئۆتىدۇ.
تىزىملاش ۋاقتى 2024- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.
ئالاقە تېلفۇنى:
0536 946 01 56

Address

şeker Mah/Keykubat Caddesi
Kayseri

Opening Hours

Monday 08:00 - 05:00
Tuesday 08:00 - 05:00
Wednesday 08:00 - 05:00
Thursday 08:00 - 05:00
Friday 08:00 - 05:00

Telephone

+905435606877

Website

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Kayseri Uygur mektep posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Shortcuts

Share