شەئراۋى رەھىمەھۇللاھ :
بىزدىن بىرلىرى قانداق ئەھۋالىڭ؟ دەپ سورىغاندا ھېچ يېڭىلىق يوق بۇرۇنقىدەك دەيمىز، اللەنىڭ بىزنى ساق سالامەت ۋە نئمەتلىرىدىن ئايرىۋەتمەي تۇرغانلىقىنى ئويلاپ قويمايمىز.
اللەنىڭ ئىسلام نىئمىتىگە، تىنچلىق ئاسايىشلىق بىخەتەرلىكنى نىسىپ قىلغان، بىزنى بالا چاقا ئەھللىللىرىمىزدىن ئايرىمىغان ، ھەر خىل گۇناھلىرىمىز سەۋەپلىك خەلقى ئالەم ئالدىدا شەرمەندە قىلمىغانلىقىغا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇن.
Uyghur bash egim devet groupئۇيغۇر باشئەگىم دەۋەت گۇرپى
islam uyghur
ھارام مىڭ يىل بۇرۇنمۇ ھارام ئىدى مىڭ يىلدىن كىيىمۇ يەنە ھارام! يۇرتىڭىزدا ھارام قىلىنغان ئىش مەيلى سېدنى مەيلى نېۋيورۇك بولسۇن ئوخشاشلا ھارام، ھارام زامان ماكاننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ، سىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭىزنىڭ قىلىشى بىلەن ھالال بولۇپ قالمايدۇ.
اللە سىلەرنى ۋە مېنى دائىما ياخشىلىق ئۈستىدە قىلسۇن.
أُوْلَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدٗى مِّن رَّبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ توغرا يولىدا بولغۇچىلاردۇر، ئەنە شۇلار بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر[5].
بۈگۈن ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتا شەھىرىدىكى بىر زىكىر سورۇنىدا قۇرئان خەتمە قىلىش ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇۋاتقان ئايال سۈرە بەقەرە نىڭ يۇقارقى ئايىتىنى ئوقىۋېتىپلا اللەقا ئامانەتنى تاپشۇردى.
نىمىدىگەن گۈزەل ئۆلۈم ھە؟!
اللە مېنى ۋە سىلەرنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئەمەلنىڭ ئۈستىدە جان بېرىشكە نىسىپ قىلسۇن.
دۇئالىرىمىزدا ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنۇتمايلى.
خىتاينى قارغاشنى ئۇنۇتماڭ.
.
ئىنسان بولغانىكەنمىز ئۇنداق ياكى مۇنداق گۇناھقا چۈشۈپ قالىمىز،تەۋبىنىڭ ئىشىكى ھېلىھەم ئوچۇق تۇرسا ، تەۋبە قىلساڭ گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىمەن دەۋاتسا يەنە نىمىشقا تۆۋبە قىلىپ اللەنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىۋېلىشقا ئالدىرىمايمىز؟
بۈگۈن جۈمە سۈرە كەھفنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟
جەننەت قانداق جاي چۇقۇم بىر ئوقوپ كۇرۇڭ
ئېھ! جەننەت، جەننەت! بالىلار بىلەمسىلەر؟ جەننەت قانداق جاي؟ ئەگەر مەن جەننەت ھەققىدە گەپ باشلىسام گېپىم ھېچ تۈگىمەيدۇ... ئەمما مەيلى كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئازغىنە بولسىمۇ سۆزلەپ بېرەي. قالغىنىنى چوڭ كىتابلارنى ئوقۇغۇدەك بولغاندا ئۆزىڭلار بىلىۋالىسىلەر. سىلەرگە جەننەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى قايسى باغقا، قايسى گۈزەل شەھەرگە ئوخشاتسام بولاركىن-ھە؟ ياق، ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئوخشىتالمايمەن. چۈنكى بۇ دۇنيادا جەننەتكە ئوخشايدىغان ھېچقانداق جاي يوقدە..؟! ئۇ يەر شۇنداق چىرايلىقكى، سۆز بىلەن تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇ يەرگە پەقەت بېرىپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك. ئەنە شۇنداق چاغدىلا جەننەنتنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. "جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان، ئادەمنىڭ خىيالدىن ئۆتمىگەن نەرسىلەر بار" دېگەن پەيغەمىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام. جەننەت ھازىر بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، جەننەت ھازىر بار. ئۇ يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىگە، ئاللاھ ئەرشنىڭ ئاستىغا جايلاشقان. ئۇ ناھايىتى چىرايلىق باغلاردىن، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريالاردىن، ئاجايىپ شەھەر ۋە مەملىكەتلەردىن، سايىسى سالقىن ئارامگاھلاردىن بېزەلگەن. جەننەتتكە كىرگەن ئادەم، بۇ دۇنيانى ئۇنتۇپ ھېچ قايتىپ چىققىسى كەلمەيدۇ. ئۇنداق قانچىلىك كاتتىلىقىنى ئېيتايمۇ؟ يەتتە قەۋەت ئاسمان بىلەن يەتتە قەۋەت يەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلسىمۇ، جەننەتكە ھەرگىز تەڭ بولالمايدۇ. جەننەت ئەنە شۇنداق ئېسىل جاي! ئۇنىڭ خۇشبۇي ھېدى 100 يىللىق يىراق يولدىن كېلىپ تۇرىدۇ. جەننەت قەۋەت - قەۋەت قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى "فىردەۋىس جەننىتى" دەپ ئاتىلىدۇ. دۇنيا يوق بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما جەننەت ھەرگىز يوقالمايدۇ. جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسى بار. دارۋازىلار شۇنداق كەڭرىكى، ئۇ چېتدىن - بۇ چېتىگىچە 40 يىللىق يولدۇر. جەننەتنىڭ ئالدى دەرۋازىسىغا تۇنجى بولۇپ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام كېلىدۇ. جەننەت ئۇ كىشىگە ئېچىلىدۇ. جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال شۇ زات كىرىدۇ. كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ئۇممەتلىرى مۆئمىنلەر، يەنى بىز مۇسۇلمانلار كىرىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇممەتلىرى كىرىدۇ. دىن يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەر، ئىلىمىگە ئەمەل قىلغان ئالىملار، كەمبەغەللەرنى ياخشى كۆرگەن بايلار ۋە ياخشى كىشلەر جەننەتكە بىرىنجى تۈركۈمدە كىرىدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمى كەمبەغەللەر ۋە كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەر بولىدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەملەر، ئېرىنى رازى قىلغان ئاياللار، خۇش پېئىل كىشلەرمۇ جەننەتكە تېزرەك كىرىدۇ. جەننەتنىڭ كۆپ دەرىجىسى بار. ئىنسانلار دۇنيادا قانچىلىك ئەمەل قىلغانلىقىغا قاراپ، تۈرلۈك خىل دەرىجىدە جاي ئالىدۇ. جەننەتنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ يېقىملىق بولۇپ، سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس. دائىم ئىللىق باھاردەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئەتتىگىنى كۈن چىقىش ئالىدىدا تۇرغان بىر ۋاقىت باركى، جەننەت دەل شۇ ۋاقىتقا ئوخشاش پاكىز ھەم ساپ بولىدۇ. ئۇ يەردە قۇياش بولمايدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن ھەممە جاي يوپيورۇق بولۇپ تۇرىدۇ.
بالىلار! جەننەتنىڭ مېۋىلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭ نەچچە مىڭ خىل ئىكەنلىكىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلار ھازىر مەي باغلاپ پىشىپ، جەننەتكە كىرىدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ھەرگىز. پۇراپ قالمايدۇ، سېسىمايدۇ. تىك تۇرۇپ ئۈزىمەن دېسىڭىزمۇ، ئولتۇرۇپ ئۈزىمەن دېسىڭىزمۇ، يانپاشلاپ يېتىپ ئۈزۈپ يەيمەن دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. جەننەت مېۋىلىرى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئۆزى كېلىپ تۇرىدۇ. بىرنى ئۈزسىڭىز، ئۇنىڭ ئورنىغا دەرھال يېڭىسى ئۆسۈپ تۇرىدۇ. ئۇ مېۋىلەر شۇنداق شېرىنكى، تەمى ئاغزىڭىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ. ئەگەر گۆش يېگىڭىز كېلىپ قالسا، ئالدىڭىزغا تۈرلۈك قۇشلار ئۇچۇپ كېلىشىدۇ. شۇنداقلا تىلغا كېلىپ سىزگە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ. "مەن پالانى قۇشمەن، پالان نەرسىنى يەپ چوڭ بولغانمەن، مېنىڭ گۆشىمنى يەڭ دەيدۇ-بىرسى."، "مەن پالان - پالان گۈللەرنى يەپ ئۆسكەنمەن، مېنىڭ گۆشىم تېخىمۇ شىرىن، مېنى يەڭ دەيدۇ يەنە بىرسى" سىز قايسى بىرسىنى تاللىسىڭىز، ئۇ شۇ ھامان پىشىپ، ئويلىغىنىڭىزدەك ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. يەپ بولۇشىڭىز بىلەنلا ئۇ يەنە تىرىلىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. جەننەتتە بىر ئادەمگە مىڭ خىزمەتچى بولىدۇ. ئۇلار يېنىڭىزغا كەلگەندە نازۇ - نېئمەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىدۇ. ھەر قېتىم كەلگەندە 70 خىلدىن ئارتۇق تائاملار، سان - ساناقسىز قەدەھلەردە ئىچملىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىدۇ. تاللىغان تائاملىرىڭىزدىن ئارزۇيىڭىز بويىچە يەۋىرىسىز. خالىغان ئىچملىكلەرنى ئىچىۋىرىسىز. قورسىقىڭىز تويۇپ بىئارام بولمايسىز. تائامدىن كېيىن ھاجەت قىلىش بولمايدۇ. يىگەن تائاملىرىڭىز تەرگە ئايلىنىپ ئۆزى چىقىپ كېىتدۇ. تېرىڭىزدىن چىققان شۇ تەردىن ئاجايىپ خۇشپۇراق ئەتىرنىڭ ھېدى كېلىدۇ. جەننەتتە مىشقىرىش، تۈكۈرۈش، يۆتىلىش، شامالداش، كېسەل بولۇش يوق. ئاللا ئۇ يەردە ھەممە ئادەملەرگە يېڭىدىن بەدەن ئاتا قىلىدۇ. بەدىنىڭىزدە قان، يىرىڭ، بەلغەم بولمايدۇ. نەپەسلەنگەن چېغىڭىزدا، ئاغزىڭىزدىن ئۆز-ئۆزىدىن ھەمدۇ- سانا ۋە تەسبىھ چىقىپ تۇرىدۇ. جەننەتتە ھەر بىر ئىنسانغا تائام يىيىش، ئىچىش، ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن 100 ئادەمنىڭ كۈچى بېرىلىدۇ. بۇنداق ياخشىلىقلار بۇ دۇنيادا ھارام نەرسە يىمىگەن، ھارام ئىشلارنى قىلمىغان، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى دېگەن ئىشلارنى قىلغان، نەپسىنى تېزگىنلىگەن ئىنسانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان.
ئى بالىلار! جەننەتتە قېرى مۇمايلار ياش قىزلارغا ئايلىنىپ كىرىدۇ. بۇۋايلار يىگىتقا ئايلىندۇ. ساقاللار بولمايدۇ. جەننەتتە ھەممە ئادەملەر بىر خىل ياشتا يەنى 33 ياشتا بولىدۇ. ھەرگىز قېرىمايدۇ ھەم ئۆلمەيدۇ. دائىم ياش ۋە چىرايلىق ھالىتدە بولۇپ يۈرۋېرىدۇ. جەننەتتە بىر بازار بولۇپ، ئۇ يەردە ھېچنىمە سېتلمايدۇ. ئەمما ھەرخىل چىرايلىق ئادەملەرنىڭ سۈرىتى بولىدۇ. شۇ يەرگە قايسى سۈرەت سىزگە ياقسا شۇنى تاللايسىز. سىز شۇ سۈرەتتىكى چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنىسىز. شۇنداق قىلىپ جەننەتتە ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغانچە چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. جەننەتتە بىر دېڭىزدا سۇ، يەنە بىر دېڭىزدا سۈت، يەنە دېڭىزدا ھەسەل، يەنە باشقا دېڭىزدا باشقا ئىچملىكلەر بولىدۇ. ئەنە ئاشۇ دېڭىزلاردىن، دەريالاردىن توختىماي ئىچملىكلەر ئاقىدۇ. ئۇ ئۆيىڭىزنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئەمما ھېچكىمگە زىيان سالمايدۇ. ئادەملەر ئۆيىدە تۇرۇپ جەننەتنى تاماشا قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە يەنە بىر دەريا بار. دەريانىڭ بويىدا چىرايلىق قىزلار بولىدۇ. ئۇ بەكمۇ چىرايلىق ئاۋازلىرى بىلەن ناخشا ئېيتىشىدۇ. ئادەملەر كېلىپ ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنداق چىرايلىق ئاۋازنى دۇنيادا ھېچكىم ئاڭلىمىغان. ئاشۇ قىزلاردىن قايسىبىرى كىمگە يېقىپ قالسا، ئاللاھ ئۇنى شۇ كىشىگە ھەدىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ شۇ زامان باشقىسىنى يارىتىپ قويىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر كىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن دەپ 72 قىز سوۋغا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككىسى بۇ دۇنيادىكى قىز - ئاياللاردىن، 70 ى جەننەت ھۆرلىدىن بولىدۇ. جەننەت مۆئىمن ئاياللارمۇ ئۆزلىرى خالىغان كىشلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تېخىمۇ كۆپ ياخشىلقلارنى تەييارلاپ قويغان.
ئى بالىلار! جەننەت بىر دەرەخ بار. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئاستىدا ئات بىلەن 100 يىل چاپسىىڭىزمۇ سايسى تۈگىمەيدۇ. جەننەتتە قاناتلىق ئۇچار ئاتلار بولىدۇ. ئۇنى مىنسىڭىز سىزنى ئۇچۇرۇپ ئوينىتىدۇ. ئەمما يىقىتىۋەتمەيدۇ. ئېلىپ قېچىپ كەتمەيدۇ. قەيەرگە دېسىڭىز "خوپ" دەپ ئېلىپ بېرىپ سىزنى تاماشا قىلدۇرىدۇ. بۇ دۇنيادا كەم ئەمەل قىلغان، جەننەتكە ھەممىدىن كېيىن كىرگەن، ئەڭ ئاز مۇكاپات ئالىدىغان كىشى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ئۇ ئادەمگە جەننەت بېرىلىدىغان باغلار، گۇلزارلار، شەھەر ۋە مەملىكەتلەر، ھازىر بىز ياشاۋاتقان دۇنيا بىلەن باراۋەر بولىدۇ. كېيىن ئۇنىڭغا يەنە شۇ دۇنيادىن 10 ھەسسە بېرىلىدۇ. ئەنە قاراڭ؟ جەننەتتىكى ئەڭ ئاز مۇكاپات شۇ بولسا، ئەمدى راسا كۆپ ئەمەل قىلغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى قانداق تەسەۋرۇر قىلغىلى بولىدۇ؟ جەننەتنىڭ شەھەر ۋە كوچىلىرى ساراي ۋە قەسىرلىرى، ھويلا - ئۆيلىرى، ئالتۇن كۆمۈشتىن، ياقۇت ۋە زەرلەردىن، مەرۋايىت ۋە زۇمرەتلەردىن بولىدۇ. يەردە چاڭ – توزان ۋە كىرلەر يوق بولۇپ، يەردە خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان زەفىران بولىدۇ. بولدى بەس! جەننەتتە ئىنسانلارغا تەبىئىتىگە نېمە ياقسا شۇ بار، نېمە ياقمىسا ئۇ دوۋزاخقا يۆتكەپ قويۇلغاندۇر. جەننەتكى ئەڭ چوڭ نېئمەت ۋە مۇكاپات شۇكى، ھەممە مۆئمنلەر ئاللاھنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. شۇنداقلا يۇزمۇ - يۈز تۇرۇپ سالاملىشدۇ، پاراڭلىشىدۇ. بۇ ئەڭ ئۇلۇغ بەخىتتۇر. دېمەك بىز جەننەتتە ئاللاھنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى كۆرىمىز. بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بوۋا - مۇمىلىرىمىزنى ئىنىشائاللاھ جەننەتتىن تاپىمىز. ئۇ يەردە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادەملىرى، دوستلىرى بىلەن بىرگە ياشايدۇ. بىز ياشاۋاتقان دۇنيا قىيامەت كۈنى يوق بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مۆئىمنلەرنى جەننەتتكە كىرگۈزىدۇ. جەننەت بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ ئىبادەت قىلغان، پاكىزە ھايات كەچۈرگەن، سەبرىلىك، غەيرەتلىك ۋە جەسۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان. مۇسۇلمانلار جەننەت ئەبەدىي راھەتتە ياشايدۇ. ئەمما جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن، ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەق يولدا بۇلىشى، قېينچىلىق ۋە سىناقلارغا چىرايلىق سەۋرى قىلىشى كېرەك.
ئى بالىلار! ياخشىسى ئۆزۈڭلار تېزراق كىتاب ئوقۇيالايدىغان بولۇڭلار. شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىسىلەر. ئەڭ مۇھىمى، سىلەر جەننەتكە كىرىدىغان ياخشى بالىلار ۋە ياخشى قىزلار بولۇڭلار. ئىلىملىك، ئەدەبلىك، ئىبادەتلىك، تەقۋالىق، مېھنەت سۆيەر، سەۋرلىك ۋە قورقماس بولۇپ ئۆسۈڭلار. قورۇقماي ياشاڭلار.
مەزكۇر ماقالە ئۆزبىكستان خالىسلىق سەرى رادىئو ئۇزۇلىنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى.
بىر دادىنىڭ ئوغلىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۆلۈم ھەققىدە ئېيتقانلىرى
09/07/2022
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سەھىپىمىزنى قوللاپ كەلگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن، پات يېقىندا ئازات ۋە ھۆر ۋەتنىمىزدە قەدىردانلىرىمىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشكە نىسىپ قىلسۇن.
07/07/2022
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئەتە جۈمە كۈنى بىلەن ئەراپات كۈنى ئىككىسى بىر كۈنگە توغرا كېلىدىكەن، جۈمە ئەسلىدىنلا پەزىلى يۇقىرى بىر كۈن، ئەراپات كۈنىدەك دۇئا قىلىنغان كۈنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى دەپ سۈپەتلەنگەن بىر كۈننىڭمۇ جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىپ قېلىشى ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت، ئەتىكى بىر كۈنى تائەت ئىبادەت دۇئا بىلەن ئۆتكۈزۈشۈڭلارنى ۋەتەندىكى بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە مېنىمۇ دۇئارىڭلاردا غايىبانە ئەسلەپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن.
اللە تۇتقان روزا قىلغان ئىبادەتلىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن.
17/06/2022
قاھىرەنىڭ مەنسۇرەدە تۇرىدىغان ئەزھەر ئوقۇغۇچىسى مەھمۇد رىزا ئالتە سائەتتە توختىماي ئوقۇپ بىر قېتىممۇ خاتالاشماي تىڭشىتىپ چىقتى.
اللە قېرىندىشىمىزنىڭ ئىلىمنى مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن.
بارلىق قارىلارغا اللەنىڭ سالامى بولسۇن پۈتۈن قىيىنچىلىقلىرىنى بېشىدىن كۆتۈرۋەتسۇن.
15/06/2022
تاكازاۋا ياپونىيىدىكى ئەڭ داڭلىق چەكمە سەنئەتكارلارنىڭ بىرى
ئۇ داڭلىق ئارتىسلار ، داڭلىق شەخسلەر ، ھەتتا ياپون ياكۇزا مافىيانىڭ خوجايىنلىرى بىلەن ئالاقە قىلاتتى.
2006-يىلى ، ئۇ توكيودىكى بىر كوچىدا كېتىۋاتقاندا «نىمەتۇللاھ تۈركى» ئىسىملىك بىر ياشانغان شەيخ بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، نىمەتۇللاھ ئۇنىڭغا ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلىدىغان بىر پارچە خەت بەردى.
«ياكۇزا» ۋاراقچىنى ئېلىپ ئۇنى مەستانىلەرنىڭ خېتى دەپ ئويلىدى .. ئەمما ئۇخەتنى ئوقۇغاندا ئۇ تەسىرلەندى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خەتنىڭ ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئىسلام توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىشقا باشلايدۇ. مۇسۇلمان بولىدۇ ۋە ئىسمىنى «ئابدۇللا» غا ئۆزگەرتىدۇ.
«تاكازاۋا» ئۇنىڭغا غايەت زور پايدا ئېلىپ كەلگەن چەككۈچىلىك ئىشىنى تاشلايدۇ .. اللەنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن ئۇ قۇرئاندىن بىر پارا يادىلىدى ، ئۇ بۇرۇنقى تىجارەت ئورنىنى مەسچىتكە ئايلاندۇرۇپ ھازىر جامائەتكە ئىماملىق قىلىۋاتىدۇ.
اللە ھەممىمىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان يولدا مېڭىشقا نىسىپ قىلسۇن، قەلىبلىرىمزنى ئىسلامدا مۇستەھكەم قىلسۇن. ئىمانىمىز بىلەن كەلگىنىمىزدەك ئىمانىمىز بىلەن كەتكىلى نىسىپ قىلسۇن.
Click here to claim your Sponsored Listing.
Location
Website
Address
Küçükçekmece