28/04/2026
«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (10)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
مەن ئۆلىدىغىنىم بىلگەن ئاشۇ كۈنى ئانامغا قارىدىم، ئانامنىڭ قولىدا دەسمال تۇراتتى، دەسمالغا كىر پىشىپ قالغانىدى. تولا سۈرتۈپ، تولا سىقىپ ھالى قالمىغاچقا چۆرىلىرى يىرتىلىپ، تىتىلىپ كەتكەنىدى، مەن تۇرۇپلا ئۆزۈمنى ئانام تۇتۇپ تۇرغان دەسمال ئوخشاتقىم كېلىپ قالدى، مەنمۇ بۇ ھاياتنىڭ كىرلىرىغا پىشىپ قالغان ئىدىم، روھىمدىكى كىرلەرنى ھەرقانچە قىلىپمى پاك – پاكىز يۇيىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۇ ھاياتنىڭ سىقىشلىرىدىن، مىجىشلىرىدىن ماجالىم قالمىغانىدى. روھىمدا كىر، جىسمىمنى كېسەل چىرمىۋالغانىدى. -ئۆپكەمنىڭ چۆرىلىرى بەلكى ئانامنىڭ قولىدىكى دەسمالدەك تىتىلىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن،- دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە. ۋە يەنە قاتتىق يۆتەلدىم، يۆتەلگەندىمۇ شۇنداق قاتتىق يۆتەلدىمدىكى ئۆپكەمنىڭ ئۇچلىرى تىتىلىپ، ئاغزىمدىن پارچە – پارچە قان ئارىلاش سۇيۇقلۇق فۇنتاندەك ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك قېقىلىپ كەتتىم، كۆڭلۈم ئېلىشىپ قۇسقۇم كېلىپ كەتتى. مەيدەم بولسا كۆكرەك قەپىزىمگە پېتىپ كەتكەنىدى. ئانام قولىدىكى دەسمالنى پاكىز سۇ بىلەن چايقاپ سىقتى، ئوچاقنىڭ ئۈستىنى يەنە سۈرتتى، سۈرتتى، سۈرتتى. يەنە سۇدا چايقاپ سىقتى. ئىچىم ئېلىشىپ تالاغا چىقىپ كەتتىم ۋە قۇستۇم، ئاغزىمدىن راستىنلا قان ئارىلاش سۇيۇقلۇق كەلگەنىدى. ئويلىرىم، ئوخشۇتىشلىرىم رېئاللىققا ئايلانغانىدى.
رېئاللىق ئالدىدا كۈلگۈم كەلدى، ئۆلۈمنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىغا قاراپ كۈلدۈم، قورقمىدىم، ئەكسىنچە ئويلىرىمنىڭ ئەمەللىيەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىغا قاراپ خوشال بولدۇم. بىر قېتىم بولسىمۇ تەسەۋۋۇرۇمنىڭ توغرا چىققانلىقىدىن رازى بولدۇم، ئويلىرىمغا تەشەككۇر ئەتتىم. ئاغزىمنى سۈرتۈم ۋە ھۇجرامغا ئۇدۇل كېرىپ ياتتىم. شۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدىم، بىراق بىر نەچچە كۈن ئۆتە – ئۆتمەيلا ئاشۇ قىلىشقا زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ بىرىنىمۇ قىلىشقا قادىر ئەمەسلىكىم تونۇپ يېتىپ، ناھايىتى قاتتىق ئىزدىراپ چەكتىم، ئۆكۈندۈم، ئۆزۈمنىڭ كۈچسىز، چارىسىز، ئاجىس بىرسى ئىكەنلىكىمگە ئىشەندىم ۋە بۇ ئۆلۈمنىنىڭ ئامال بار تېزراق ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دوختۇر بەرگەن دورىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىچمەي ئەكسىنچە كېسىلىمنى تېخىمۇ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ھاراقنى كۈندە ئىچىشكە باشلىدىم، ئەنە شۇ چاغلاردا ئارقا – ئارقىدىن ئىچكەن ھاراقنىڭ دەستىدىن ھاراققا خۇمار بولغان بىر ھاراقكەشكە ئايلاندىم.
ئەمدى مەن كۈندە مەس، كۈندە ئۆلۈپ تىرىلىدىغان بىرسىگە ئايلانغان ئىدىم. ھەر كۈن ئۆلەتتىم، سەھەردە يەنە تىرىلەتتىم. بارا – بارا گۆرگە يېقىنلىشىۋاتاتتىم. يانچۇقۇمغا پۇل چۈشكەن ھامان قاۋاققا يۈگرەيتتىم. مانا بۇ ھاراقكەشلىك، ھاراققا كۆنۈپ قالغانلىقىم ئاخىرى بېرىپ مېنىڭ تەغدىرىمنى بەلگىلىدى، گەرچە دوختۇر «ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆلۈدۇ» دېگەن مەندەك بىر بىمار ئۆلمىگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئىتنىڭ ئۆلۈكىدىنمۇ قەدىرسىز بىر ھاياتنى كەچۈرۋاتاتتىم. دەمەك مېنىڭ ھاراق بولغان خۇمارىم بىر ئىتنىڭ تەغدىرىنى ماڭا لايىق كۆرگەنىدى. دەرۋەقە، بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۆلۈپ تىرىلىشىم ئىدى. مەن ئۆز تەغدىرىمنى تاللىغاندەك قىلغان بىلەن، ئەسلىدە ھاراققا بولغان خۇمارنى تاللىغان ئىدىم.
(داۋامى بار)
➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖
📣 يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بىزگە مەدەت بەرگەيسىز!
🌐 تور بەت ئادرىسى: www.akademiye.org/ug
👈 يۇتىيۇپ قانىلى: https://www.youtube.com/uyghuracademy
👈 فېيسبۇك سەھىپىسى: https://www.facebook.com/uyghuracademy
👈 تۋىتتېر ھېسابى: https://twitter.com/uygurakademisi
20/04/2026
تەزىيەنامە
بۈگۈن بىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، قەلىمى بىلەن خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان يازغۇچى، شائىر ۋە پىداكار جامائەت ئەربابى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە خەۋەر تاپتۇق.
ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەھمىيەتلىك ھاياتىنى خىتايغا قارشى مىللىي كۆرەشكە، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ۋە ئەدەبىياتىمىزنى يېڭى پەللىلەرگە كۆتۈرۈشكە بېغىشلىغان بىر يارقىن يۇلتۇز ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مىللىتىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، تارىخىي كەچمىشلىرىنى ۋە پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ كەلدى.
ئۇ يالغۇز ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتپلا قالماي، بەلكى مىللەتنىڭ بىرلىكى، مائارىپى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھەقىقىي بىر يېتەكچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلغان ئىدى.
ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى پەقەتلا ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە زىيالىيلار قوشۇنى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى. گەرچە ئۇ ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك ئەسەرلىرى ۋە ئۆچمەس روھى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
مەرھۇمنىڭ ياتقان جايى جەننەت، ۋە روھى شاد بولسۇن. ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، يېقىن-يورۇقلىرىغا ۋە پۈتۈن خەلقىمىزگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋىر تىلەيمىز.
دوكتور رىشات ئابباس
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى
2026-يىلى 20-ئاپرىل
17/04/2026
UYGHUR ACADEMY PRESS RELEASE
FOR IMMEDIATE RELEASE
April 16, 2026, 09:00 AM EST
The Expulsion of a Uyghur Scholar: Malaysia’s Concession to Beijing
The detention and subsequent expulsion of American scholar Abdulhakim Idris on March 30, 2026, by the Malaysian government—reportedly under direct pressure from Beijing—highlights a deeply troubling trend. Such actions against a U.S. citizen underscore the Chinese government’s increasingly aggressive use of international intimidation.
Abdulhakim Idris, a U.S. citizen and Executive Director of the Center for Uyghur Studies, was detained for 21 hours and deported by Malaysian authorities at Beijing’s behest. He was traveling to lead awareness events exposing China’s genocide against the Uyghur people and to launch the Bahasa edition of his book, Menace: China’s Colonization of the Islamic World and Uyghur Genocide. Despite facing death threats and the detention of family members back home, Abdulhakim Idris continues his advocacy to expose CCP influence in the Islamic world.
This incident represents a textbook case of China’s escalating transnational repression aimed at silencing the Uyghur diaspora community. Abdulhakim Idris has been a frequent target of such coordinated harassment.
“The extrajudicial targeting of a U.S. citizen in Malaysia, orchestrated at the direction of the CCP, signals a dangerous expansion of China’s global intimidation tactics,” stated Dr. Rishat Abbas, President of Uyghur Academy International. “By subverting local governance to silence a Uyghur American scholar, Beijing is actively eroding the principles of international diplomacy and the protection afforded by sovereign citizenship. This should serve as an urgent warning that no individual—regardless of nationality—is immune to Beijing’s campaign of transnational repression.”
Uyghur Academy International urgently calls upon the global academic community, national governments, and international human rights bodies to formally denounce the CCP’s expanding architecture of transnational repression. The targeting of scholars like Abdulhakim Idris demonstrates that academic freedom and the safety of researchers are increasingly at risk when sovereign states yield to authoritarian pressure. We must act collectively to fortify the protections for researchers and advocates before the global space for truth and objective inquiry is permanently eroded.
Please see the detailed report from the Freedom House on Abdulhakim Idris’s appalling experience at the Kuala
About Uyghur Academy International
Uyghur Academy International is a global network of Uyghur scholars, researchers, and intellectuals, with branches and affiliated initiatives across multiple countries. The organization is committed to advancing Uyghur studies and defending Uyghur identity, cultural continuity, and intellectual heritage in the face of systematic repression.
At a time when the Uyghur people are subjected to ongoing atrocities, including crimes against humanity and genocide, Uyghur Academy International actively promotes rigorous academic research, amplifies global awareness, and challenges efforts to silence independent scholarship. Through international collaboration, publications, and advocacy, the organization works to hold perpetrators accountable, safeguard academic freedom, and mobilize the global community to confront injustice.
Uyghur Academy International is equally dedicated to cultivating the next generation of Uyghur intellectual leaders, ensuring that Uyghur voices, scholarship, and truth endure despite attempts at erasure.
https://akademiye.org/en/?p=2377
16/04/2026
خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە كۈنتەرتىپتە
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباس قاتارلىقلار 14-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىغا قارىتىلغان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرى توغرىسىدا ئەمەلدارلارغا مەلۇمات بەردى.
يىغىندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ داۋاملىق ئورۇنىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىك قىممەت قاراش ۋە خەلقئارا قائىدىلەرگە بىۋاسىتە خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش جىنايى قىلمىشلىرىغا قارىتا ئەمەلىي قارشىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖
📣 يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بىزگە مەدەت بەرگەيسىز!
🌐 تور بەت ئادرىسى: www.akademiye.org/ug
👈 يۇتىيۇپ قانىلى: https://www.yoUyghur Academyىپىسى: https://www.facebook.com/uyghuracademy
👈 تۋىتتېر ھېسابى: https://twitter.com/uygurakademisi
15/04/2026
خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە كۈنتەرتىپتە
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى ئىجرائىيە مۇدىرى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى ئىجرائىيە مۇدىرى رۇشەن ئابباس قاتارلىقلار 14-ئاپرىل ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىغا قارىتىلغان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا ئەمەلدارلارغا مەلۇمات بەردى.
يىغىندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ داۋاملىق ئورۇنىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئاساسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىك قىممەت قاراش ۋە خەلقئارا قائىدىلەرگە بىۋاسىتە خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئەمەلىي قارشىلىق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖
📣 يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بىزگە مەدەت بەرگەيسىز!
🌐 تور بەت ئادرىسى: www.akademiye.org/ug
👈 يۇتىيۇپ قانىلى: https://www.youtube.com/uyghuracademy
👈 فېيسبۇك سەھىپىسى: https://www.facebook.com/uyghuracademy
👈 تۋىتتېر ھېسابى: https://twitter.com/uygurakademisi
15/04/2026
ئىستانبۇلدا تەبىئىي پەن ۋە ئېنژىنىرلىق ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىلىشى بولدى
تۈركىيەدىكى تەبىئىي پەن ۋە ئېنژىنىرلىق ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم شۇنداقلا بۇ ساھەلەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشىدا، تەبىئىي پەن ۋە ئىنژېنىرلىق ساھەلىرىدىكى كەسپىي يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇش ۋە بۇ ساھەلەردە ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەقسىتىدە، 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يەكشەنبە سائەت 13:30 تە ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقپى يىغىن زالىدا «تەبىئىي پەن ۋە ئېنژىنىرلىق ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىلىشتا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، تەبىئىي پەن ۋە ئېنژىنىرلىق ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇش، پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىش ۋە بۇ ساھەلەردە ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەن-مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ياش ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ تۈر خىزمەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىلىشتا، دوكتور تۇردى مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئەپەندى بىئو-ماتېرىيال ھەققىدە، ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى يادرو ئېنىرگىيەسى، ئاتوم بومبىسى ۋە يادرو ئېنىرگىيەسىدىكى يېڭى تەرەققىياتلار ھەققىدە، دوكتور مەخمۇتجان ئۆزئۇيغۇر ئەپەندى زەررىچە فىزىكىسى ھەققىدە ۋە مۇھەممەد ئىمىن بەكتۇر «روبوتلارنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى» ھەققىدە دوكلات سۇندى.
دوكلات تەپسىلاتلىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
https://www.akademiye.org/ug/?p=170641
➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖
📣 يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بىزگە مەدەت بەرگەيسىز!
🌐 تور بەت ئادرىسى: www.akademiye.org/ug
👈 يۇتىيۇپ قانىلى: https://www.youtube.com/uyghuracademy
👈 فېيسبۇك سەھىپىسى: https://www.facebook.com/uyghuracademy
👈 تۋىتتېر ھېسابى: https://twitter.com/uygurakademisi
14/04/2026
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ 7-قارارى باشلىدى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان كۈرىشىدە يېتەكچى ياشلارنى يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە بىر يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەش پروگراممىسىغا قاتناشقان ياشلىرىمىز بىلەن كۇرس ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى 11- ۋە 12- ئاپرىل ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىشخانىسىدا ئېچىلدى. يىغىندا مەزكۇر كۇرسقا ئالدىنقى يىلى قاتناشقان ياشلار كۇرس ھەققىدىكى تەسىرات – چۈشەنچىلىرىنى، كۇرسنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېڭىدىن سەپكە قېتىلغان ياشلار مەزكۇر تەربىيەلەش كۇرسىدىن كۈتكەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ مەۋسۇمكى تەربىيەلەش پروگىراممىسىدىن تەپسىلىي خەۋەردار بولدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا قارىتا ئېچىلغان بۇ مەۋسۈملۈك تەربىيەلەش كۇرسى تەپسىلاتى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ 16 يىللىق مۇساپىسى ۋە قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ھەيئەت ئەزالىرىدىن دوكتور ئابلەت ئۇيغار، دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى، دوكتور مەغپىرەت كامال، ئامىنە سەدەف، ئەنۋەر ئەخمەت ۋە تولۇنئاي تەڭرىتاغلى قاتارلىقلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ياشلارغا قارىتا ئېچىلغان مەزكۇر كۇرسقا قارىتا تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ، ياشلىرىمىزنى يىتىشتۈرۈشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈر تەربىيەلەش كۇرسلىرىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.
مەزكۇر يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ۋە يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۆرىشىگە ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىست خالىس ئۆزدەمىر ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆزىنىڭ ھايات تەجرىبەلىرىنى، تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۆز-قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەر زامان ئۆز قېرىندىشى دەپ بىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلالايدىغان كۆپ ئىشلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.
يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى ئالدىنقى يىللىق كۇرس خۇلاسىسىنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە، بۇ يىل ياشلىرىمىزغا قارىتا قىلماقچى بولغان پروگىراممىلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖
📣 يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بىزگە مەدەت بەرگەيسىز!
🌐 تور بەت ئادرىسى: www.akademiye.org/ug
👈 يۇتىيۇپ قانىلى: https://www.youtube.com/uyghuracademy
👈 فېيسبۇك سەھىپىسى: https://www.facebook.com/uyghuracademy
👈 تۋىتتېر ھېسابى: https://twitter.com/uygurakademisi
13/04/2026
«ھاياتتىن سورا» ناملىق رومان (9)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
يولدا كېتىۋاتاتتىم، يېڭى ھاياتنىڭ بىرىجى كۈنى. بەدىنىمنىڭ سايىسى سايىۋەندەك يولغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئۆتكەن يىلدىن قالغان چىرىگەن يوپۇرماقلارنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ مېڭىۋاتاتتىم. كۆزۈمنى يەردىن ئېلىپ، ئاسمانغا قارىدىم، ئاسماندىكى بۇلۇتلار گويا ئۆپكەمدىكى داغلاردەك، ئاسمان بولسا بەجايىكى ئۆپكەمدەك كۆرۈننۈپ كەتتى. مەن كۆزۈمنى ئاسماندىن ئۇزۇپ يېنىمدا جىمجىت كېتىۋاتقان ئانام بىلەن سىڭلىمغا قاراتتىم. جىمجىتلىق ئادەمنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرىشىگە ياردەمچى بولىدىكەن. دەرۋەقە، «ئەقىلنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى ئۇيقۇ، جىمجىتلىق ۋە يالغۇزلۇق» دېگەن سۆزلەرنى بىر زامانلار بىر كىتابتىن ئوقۇغان ئېسىمدە. بىراق مەن بۇ قاراشقا گۇمان نەزىرىم بىلەن قارايمەن.
بۇ دۇنيادا مەندەك كۆپ ئۇخلىغان، مەندەك جىمجىت يۈرگەن، مەندەك يالغۇز ياشىغان ئىنسان بولمىسا كېرەك. ئانامنىڭ ۋە سىڭلىمنىڭ يۈزى سولغۇنىدى، ئاچچىقلىنىش، ئۆكۈنۈش ئىپادىلىرى بىلىنىپ تۇراتتى. چۈنكى مەن داۋالىنىش قەتئىي رەۋىشتە رەت قىلغانىدىم. مېنىڭ ھاياتقا بولغان قېيداشلىرىمدىن پەيدا بولغان ئاچچىقلىنىش تۇيغۇلىرىم قارداپ كەتكەن يۈزۈمدە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. روھىم چىرايىمغا سىڭىپ كەتكەنىدى. ئانام بىلەن سىڭلىمنىڭ ھالىغا قاراپ يۈرىكىم بۇلبۇل قونغان ئۈرۈك سىۋىقىدەك تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. قوسۇقۇمنىڭ ئاچقانلىقىنىمۇ سەزدىم. ئىشتىھام بەك ياخشى ئىدى.
ئالدىمغا كەلگەن ھەرقانداق نەرسىنى پوش دېمەي يالماپ يۇتاتتىم. ھەيتاڭەي، مۇشۇ تاماققا بولغان مايىللىقىم مېنى ئۆلۈمنىڭ يولىدىن توراپ قىلىشى مۇمكىن دەپ ئاجايىپ بىر خىيالنىمۇ زېھنىمدىن تاسقاپ ئۆتكۈزدۈم. سىڭلىم«جۇرۇڭلار! ئاشخانىغا كېرىپ تاماق يەيلى» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا«جۇرۇڭلار! قىزىل بايراق رەسىمخانىسىغا كېرىپ خاتىرە ئۈچۈن رەسىمگە چۈشۇپ قويايلى» دېدى. سىڭلىمنىڭ زېھنىدە مېنىڭ ئۆلۈمۈم جانلانغانلىقىنى سەزدىم. ئاناممۇ سىڭلىمنىڭ تەھلىپىگە دەرھال قوشۇلدى. ئۇلار مېنىڭ پىكرىمنى، قوسۇقۇمنىڭ ئاچقان ئاچمىغانلىقىنى سوراپ ئولتۇرمايلا قىزىل بايراق رەسىمخانىسىنىڭ يولىنى تۇتتى. مەن رەسىمگە چۈشۇشنى ياخشى كۆرمىسەممۇ، بىراق بۇ رەسىمخانىنىڭ ئورنىنى ئوبدان بىلەتتىم. ھەتتا بىر قېتىم رەسىمگە چۈشىدىغان بىر قېياپەت بىلەن ئىچىگە كىرىپ ئايلىنىپمۇ چىققان ئىدىم.
مەزكۇر رەسىمخانا بۇ شەھەردىكى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەڭ چوڭ رەسىمخانا ئىدى. ئانام ئۈچ بالىنى تۇغۇپ، ئۈچىلىسى ئالتە ئايلىق بولغاندا مۇشۇ رەسىمخانىغا ئەكىلىپ رەسىمگە چۈشۇرگەن ئىكەن. بولۇپمۇ مېنىڭ ئالتە ئايلىق ۋاقتىمدا مۇشۇ رەسىمخانىدا چۈشكەن رەسىمىم شۇنچىلىك چىرايلىق، شۇنچىلىك پوكۇس، شۇنچىلىك ئىستېتىك قىممەتكە ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە رەسىم ئىدى. مەن بۇ رەسىمگە ئاكامدەك جىددىيلەشكەن قىياپەتتتە ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئەركىن – ئازادە كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشكەن ئىدىم. ئاكامنىڭ كۆزلىرى چىراغنىڭ نۇرىدا پىلجىكتوردەك پاقىراپ كەتكەن بولسا، مېنىڭ كۆزلىرىم گويا كۈلكىلىك بىر نەرسىنى كۆرۈپ كۈلگىسى كەلگەن ئادەمدەك، كۈلكىگە تولغان كۆزلىرىم سەل يۇمۇلغان قىياپەتتە ئىدى. ئاكامنىڭ ئالتە ئايلىق چاغلىرىدىكى يۈزلىرى گۆشسىز ئاۋاق بولسا، مېنىڭ يۈزلىرىم گۆشلۈك، ئاپئاق ئىدى. مېنىڭ ئۈستبېشىمدىكى كېيىم – كېچەكلىرىم ئاكامنىڭكىگە ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. بولۇپمۇ ھەر ئىككىلىمىزنىڭ بېشىدىكى قۇش پېيى قادالغان ئاق پاناما دوپپا شۇنچىلىك سۈپەتلىك ۋە يارىمشىلىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئاپام بۇ دوپپىنى ئۆز قولى بىلەن تىككەن ئىكەن. زاتەن ئاپام بىزنىڭ كىچىك چاغلىرىمىزدىكى كېيىملىرىمىزنى ئۆيىمىزدىكى كېيىم تىكىش ماشىنىسى بىلەن ئۆزى تىكىپ، كىيگۇزەتتى.
بوينۇمغا قادالغان رېشىللىيە ئىشلەنگەن ئاپئاق شالدامىمۇ قاراكۆك چاپىنىمغا چۇنچىلىك ياراشقانىدى. كىچىك ئوماق قوللۇرۇم بولسا، رەسىمخانىنىڭ بامبۇكتىن ياسالغان ئورۇندۇقىنىڭ ئالدىدىكى تۇتقۇچىنى ئاكامدەك چىڭڭىدەك تۇتىۋالغان ھالەتتە ئەمەس، بەلكى گويا شۇ ئورۇنداققا يۆلۇنۇپ تۇرۇپ بىرسى بىلەن ئەركىن سۆزلىشىۋاتقان ئادەمدەك، تۇتقۇشنىڭ ئۈستىگە ئازادەك قويۇقلۇق تۇراتتى. بامۇك ئورۇندۇقنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان چاغدىكى چىراي شەكلىم ئاكامنىڭكىدەك بىر نەرسىدىن ئۈركۈپ كەتكەندەك ئەمەس، ئەكسىنچە ناھايىتى تونۇش بىرسىنى يېراقتىن كۆرۈپ، خوشال بولغان بىرسىدەك شۇنچىلىك تەبەسۇمغا تولغان ھالەتتە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھەتتا جىلىتتەك نېپىز لەۋلىرىم ئىچىلغان ھالدا ئىدى. ئومۇمەن مەن شۇنچىلىك بەختلىك ئىدىم، ھەر قېتىم شۇ رەسىمنى كۆرگىنىمدە، مەڭگۈ چوڭ بولماي شۇ ئالتە ئايلىق ۋاقتىمدىكىدەك تۇرغان بولسامچۇ دەپ، ئويلاپ كېتىمەن. بالىلىقنىڭ گۈزەل چاغلىرىنىڭ پەيزىنى خىيال دۇنيارىمدا سۈرۈپ، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن رەسىمگە قاراپ ئىچىمگە تولغان ھۇزۇرلۇق تۇيغۇسىنىڭ ئۇزۇنغىچە يوقالماي تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
بىز ئەنە شۇ ئالتە ئايلىق ۋاقتىمدا رەسىمگە چۈشكەن قىزىل بايراق رەسىمخانىسىغا كىرىپ رەسىمگە چۈشتۇق. مەن باشتا ئانام بىلەن بىر پارچە ئولتۇرۇپ چۈشتۇم، ئاندىن كېيىن سىڭلىم بىلەن ئۆرە تۇرۇپ چۈشتۇم. مەن چاپىنىمنى سېلىۋېتىپ، ئىچىمدىكى بىغىررەڭ قارا يولى بار پوپايكام بىلەن چۈشكەن يادىمدا بار. سىڭلىم رەسىمخانىدىن چىققاندا ماڭا قاراپ تۇرۇپ«بۇ رەسىملەردىن بىر پارچىسىنى ئاكامغا ئەۋەتىپ بېرەيلى» دېدى. ئانام دەرھال كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ «ھە،شۇنداق قىلايلى، ئاكاڭلار بىزنى كۆرۈپ كىچىككىنە بولسىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ» دېدى. ئارقىندىن سۆزىگە ئۇلاپ «ئۇ ساقام بولسىمۇ خاتىرجەم ياشىسۇن، يىراق ئەللەردە غېرىپلىقنىڭ ھەسرىتىنى تارتىپ، نېمە كۈنلەرنى كۆرۋاتىدىكىن مېنىڭ كۆيۈمچان بالام» دەپ، تۇمۇرلىرى كۆپۈپ قالغان، گۆشسىز قوللىرىنىڭ دۇمبىسى بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتۈپ قويغانىدى.
(داۋامى بار)
➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖
📣 يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بىزگە مەدەت بەرگەيسىز!
🌐 تور بەت ئادرىسى: www.akademiye.org/ug
👈 يۇتىيۇپ قانىلى: https://www.youtube.com/uyghuracademy
👈 فېيسبۇك سەھىپىسى: https://www.facebook.com/uyghuracademy
👈 تۋىتتېر ھېسابى: https://twitter.com/uygurakademisi
11/04/2026
Çin’in Ulusötesi Gözetimi Uygur Ailelerini Nasıl Yalnızlaştırıyor?
“Ailemi ararsam sorun çıkacak.”
Uygur İnsan Hakları Projesi Araştırma Direktörü Henryk Szadziewski
2017 yılında, Amerika Birleşik Devletleri’nde yaşayan bir Uygur olan Ablacan, ana vatanının güneyindeki bir şehir olan Hotan’daki ebeveynlerini aradı. Annesi ona bir daha aramamasını söylediğinde konuşma aniden sona erdi. Annesi, daha fazla temasın Çin’deki aile üyeleri için cezalandırılmayla sonuçlanabileceği konusunda uyardı. Aramayı yapmasından bu yana geçen sekiz yıl içinde Ablacan ebeveynleriyle konuşmadı.
Bu uzun sessizlik kişisel ilişkilerdeki bir bozulma değildi. Uygur aileleri üzerindeki devlet kontrolünün bir sonucuduydu. Uygurlar; Çin’de yaklaşık 12 milyon, diasporada ise yarım milyon nüfusa sahip, Türk kökenli ve ağırlıklı olarak Müslüman bir halktır. Çin yönetimi, Uygurlarin ana vatanını pek çok Uygur tarafından sömürgeci bir terim olarak kabul edilen “Sincan” veya “yeni sınır” olarak adlandırıyor. “Doğu Türkistan” ve “Uygur Bölgesi” yer adları diasporadaki Uygurlar tarafından tercih edilmektedir.
Devamını bu linkten okuyun: https://akademiye.org/tr/?p=8281
11/04/2026
خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ياكى ۋىجدان ئەركىنلىكى سىياسىتى
ئاپتورى: John Curtis، Timothy Robinson
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت
تەھرىر: سۈبھىنۇر ئۆمەرجان
خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقادنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇنلىرى
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنىنىڭ 36-ماددىسىدا پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئالاھىدە بەلگىلەنگەن. بۇ ماددىدا ھەرقانداق دۆلەت ئورگىنى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا مەجبۇرلىشىغا، شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ، ئاساسىي قانۇندىكى «دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ» دېگەن ئىبارىدىكى «نورمال» سۆزىگە ئېنىق قانۇنىي تەرىپ بېرىلمىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال دائىرىلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى خالىغانچە چەكلىشىگە بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش، پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى يەتكۈزۈش مەنئى قىلىنغان بولۇپ، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنىپ قالماسلىقى شەرت قىلىنغان.
ئەمەلىيەتتە، خىتاي دۆلىتى دىنىي ئىشلارنى ئىنتايىن قاتتىق نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. «خەلقئارا ھۇمانىستلار تەشكىلاتى» نىڭ دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ دەۋرىدە دىنلارنى «خىتايلاشتۇرۇش» تىرىشچانلىقى يۇقىرى پەللىگە چىققان. بۇ سىياسەتنىڭ تۈپ مەقسىتى دىنىي ئېتىقادلارنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىگە ماسلاشتۇرۇش، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى دىنىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
داۋامىنى بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇڭ:
https://www.akademiye.org/ug/?p=170617
➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖
📣 يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بىزگە مەدەت بەرگەيسىز!
🌐 تور بەت ئادرىسى: www.akademiye.org/ug
👈 يۇتىيۇپ قانىلى: https://www.youtube.com/uyghuracademy
👈 فېيسبۇك سەھىپىسى: https://www.facebook.com/uyghuracademy
👈 تۋىتتېر ھېسابى: https://twitter.com/uygurakademisi
11/04/2026
📣 ئىستانبۇلدىكى ئاتا-ئانا، ياش زىيالىيلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت👇
تەبىئىي پەن ۋە ئېنژىنىرلىق ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار، ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىلىشى بىلدۈرگەسى
تۈركىيەدىكى تەبىئىي پەن ۋە ئېنژىنىرلىق ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەم شۇنداقلا بۇ ساھەلەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يىغىلىپ، تەبىئىي پەن ۋە ئىنژېنىرلىق ساھەلىرىدىكى كەسپىي يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇش ۋە بۇ ساھەلەردە ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەقسىتىدە، 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يەكشەنبە سائەت 13:00 تە ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقپى يىغىن زالىدا «تەبىئىي پەن ۋە ئېنژىنىرلىق ساھەسىدىكى يېڭىلىقلار، ئوقۇش ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئىستانبۇلدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ياش زىيالىيلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشپ، ئۇيغۇر تەبىئىي پەن تەتقىقاتچىلىرىدىن ھازىرقىي زامان پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە خىزمەت تېپىشقا ئائىت مەلۇماتلاردىن بەھرىمان بولىۋېلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
يىغىنغا ئالدىن تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن يىغىنغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئامال بار 2026-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى جۈمە كەچكىچە تۆۋەندىكى گۇگۇل جەدىۋېلىگە https://forms.gle/CJcBDi83XBGSim7w7 بۇ ئۇلىنىش ئارقىلىق كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى
ئىلاۋە ئۇچۇرلار:
يىغىن كۈنى: 2026-يىلى 12-ئاپرىل يەكشەنبە
🕘 يىغىن باشلىنىش ۋاقتى: چۈش سائەت 1:00 دە
📍 ئورنى: ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەقپى
🏠 ئادرېسى: ئىستانبۇل سەفاكۆي كامالپاشا مەھەللىسى بىگا كوچىسى 27-نومۇر، كىرىش قەۋىتتىكى يىغىن زالى (Kamalpaşa mahallesi B**a Sokak No. 27, Giriş Kat, Sefaköy, Küçükçekmece / İstanbul)
Konum: https://maps.app.goo.gl/vWhnxLqdsqbY15Uf8?g_st=ic
09/04/2026
خىتاي نېمە ئۈچۈن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى قانۇننى تەستىقلاشقا شۇنچە ئالدىرىدى؟
ئاپتورى: Stephen McDonell
ئېنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: ئەنۋەر ئەخمەت
تەھرىر: مۇھەممەد ئابدۇمىجىت
خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم «دىننى خىتايلاشتۇرۇش»نى چاقىرىق قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى خىتاينىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كېتىشكە مەجبۇرلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيدا تەستىقلانغان يېڭى بىر قانۇن بۇ جەرياننى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ، كېڭەيتىدۇ ۋە تېزلىتىدۇ. سىياسىي ئاكتىۋىست ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە تۇرمۇش شەكلىگە تېخىمۇ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.
داۋامىنى بۇ ئۇلىنىشتىن ئوقۇڭ:
https://www.akademiye.org/ug/?p=170604
➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖➖
📣 يازمىلارنى ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق بىزگە مەدەت بەرگەيسىز!
🌐 تور بەت ئادرىسى: www.akademiye.org/ug
👈 يۇتىيۇپ قانىلى: https://www.youtube.com/uyghuracademy
👈 فېيسبۇك سەھىپىسى: https://www.facebook.com/uyghuracademy
👈 تۋىتتېر ھېسابى: https://twitter.com/uygurakademisi