21/10/2024
ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا يەنى دۆلەت دوختۇرخانىلىرىغا بارغىنىمدا، ئاججايىپ چوڭ سېلىنىپ كەتكەن، ئادەمنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىغا قاراپ بەزىدە قورقۇنچ بېسىپ كېتىدۇ مېنى.
بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ھېچ بولمىسا ئىسمىنى « دوختۇرخانا» «شىپاخانا» دەپ ئىجابىي ئىسىملارنى قويغان ئىكەنمىز. تۈركىيەدە بولسا «كېسەلخانا» دەپلام قوياغلىق ئىسمىنى.
كېسەللىكلىرىم بارمۇ يوق، تەكسۈرتۈشكە كەلگەنتىم دېسە، دوختۇرلارغا خوش ياقمايدىغان گەپكەن... بەزىدە تۆۋە دەپ قالىمەن. سوغۇق چىراي دوختۇرلار بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي دورا يېزىپ، بالدۇرراق يولغا سېلىش بىلەن ئاۋارە...
شۇڭلاشقىمۇ بىزنىڭ ئىللىق چىراي ئۇيغۇر تىۋىپلارنىڭ بازىرى چىكەتتى تۈركىيەدە. ھېچ بولمىسا نېمە يېگەنتىڭىز؟ تىلىڭىزنى چېىقىرىڭ، تومۇرىڭىزنى تۇتۇپ باقاي... دەپ ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن، بىمارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالىدىغان گەپكەن 1.بولۇپ. تومۇرىنى تۇتۇپ، يۈرىكىنى تىڭشىغاندىن كېيىن، كېسەللىرىنى بىرمۇ بىر دەپ بەرگىلى تۇرغاندىن كېيىن، تامامەن ئۆزىنى تىۋىپقا تاپشۇرىۋېتىدىغان گەپكەن. ھېلىمۇ ئۇيغۇر تىبابىتىمىز بار ئىكەن چەتئەلدە يۈزىمىزنى يورۇق قىلىدىغانغا دەپ كېتىمەن بەزىدە.
ئاللاھ ئىگەم بارلىق بىمارلارغا شىپا بەرگەي!
ئۇيغۇر تىۋىپلىرىمىزنىڭ شان-شۆھرىتى دۇنياغا پۇركەتكەي!