Voices of Uyghur Heritage

Voices of Uyghur Heritage The Uyghurs are a Turkic ethnic group living in Eastern and Central Asia.

16/07/2026
11/07/2026

Old Legends about Noworryton

28/06/2026

ناتونۇش بىرىگە ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن...
ئوقيا
تور دۇنياسىغا قەدەم باسقان دەسلەپكى كۈنلىرىمدىلا بىر ساۋاقنى ئۆگىنىپ قالغان ئىدىم:
ناتونۇش بىرىگە ئىنكاس يېزىشتىن ئاۋۋال، ناتونۇش تەرەپنىڭ سىزنىڭ پىكرىڭىزنى چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بارمۇ-يوق، شۇنى ئويلاپ ئاندىن يېزىڭ.
بولۇپمۇ تونۇمايدىغان كىشىلەرگە ئىنكاس يازغاندا، بۇ تېخىمۇ مۇھىم.
چۈنكى ھەممە ئادەم ئىلمىي مۇلاھىزا، مۇزاكىرە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن يازمايدۇ. بەزىلەر ئۆزىنىڭ پىكرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بەزىلەر غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، يەنە بەزىلەر پەقەت قۇترىتىش ئۈچۈنلا يازىدۇ.
پىكىرنى چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان ئادەم بىلەن مۇنازىرە قىلىش تامغا گەپ قىلغان بىلەن ئوخشاش. سىزنىڭ دەلىلىڭىز كۈچلۈك بولغانسېرى، ئۇنىڭ ئاچچىقى تېخىمۇ كېلىشى مۇمكىن.
شۇڭا ھازىر ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن ئۆزۈمدىن شۇنىلا سورايمەن:
«بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ئاڭلاشنى خالامدۇ، ياكى باشقا نىيىتى بارمۇ؟»
ئەگەر ھەقىقەتەن ئاڭلاشنى خالىسا، ئۇنىڭغا بىر جۈملە سۆزمۇ قىممەتلىك تۇيۇلىدۇ. ئەگەر باشقا نىيىتى بولسا، ئون بەتلىك ئىزاھاتمۇ كار قىلمايدۇ.
شۇنداقتىمۇ، ئىنسان دېگەن ئىنسان ئىكەن. بەزىدە بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى تۇتالماي، بېرىپ شۇ «پوقنى يەپ» قويىدۇ. كېيىن ئاندىن ئۆزىگە:
«بۇ ئادەم بىلەن مۇنازىرلەشكۈچە، بېرىپ كىتابىمنى ئوقۇي»
دەيدىغان گەپ.
بەزى ساۋاقلارنى كىتابتىن ئۆگىنىمىز، بەزى ساۋاقلارنى بولسا ئىجتىمائى ئالاقىدا ئېزىپ ئىنكاس يېزىپ قويۇپ ئاندىن ئۆگىنىمىز.

https://www.facebook.com/media/set/?vanity=Uyghurlar&set=a.388285557895087
27/06/2026

https://www.facebook.com/media/set/?vanity=Uyghurlar&set=a.388285557895087

ئوقيا كۈتۈپخانىسى
كىتابلارنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تەقدىرى بولىدۇ، ئىنسانلارنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. بەزى كىتابلار كىتابخانىلارنىڭ جىمجىت تەكچىلىرىدە ئۆمۈر ئۆتكۈزسە، بەزىلىرى بىر ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. مەن ئۈچۈن «ئوقيا كۈتۈپخانىسى» پەقەت كىتاب ساقلايدىغان بىر كىتابلىقلار يىغىندىسى ئەمەس؛ ئۇ ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننى، ئۇستازلار بىلەن شاگىرتلارنى، تارىخ بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر كۆۋرۈك ھېسابلىندۇ.
بىر كىتابنى سېتىۋېلىش ئاسان، ئەمما ئۇنى ئوقۇش، چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا قايتا-قايتا مۇراجىئەت قىلىش ئاسانغا توختىمايدۇ. شۇڭا «ئوقيا كۈتۈپخانىسى»دىكى ھەر بىر كىتابنىڭ ئۆزىگە خاس بىر ئۆتمۈشى ۋە ھېكايىسى بار. بەزى كىتابلارنى يىللاپ ئىزدەپ يۈرۈپ تاپتىم، بەزىلىرىنى دوستلار ھەدىيەغا قىلدى، يەنە بەزىلىرى بىلەن دۇنيانىڭ يىراق شەھەرلىرىدە ئۇچرىشىپ قالدىم.
بۇ كۈتۈپخانىنىڭ ئاساسلىق نىشانى كىتابلارنى توپلاش ئەمەس، بىلىم توپلاش؛ ئىلىم توپلاش. كىتابلار سانى بىلەن ئەمەس، كىتابنىڭ قىممىتى بىلەن پەخىرلىنىش. چۈنكى بىر ياخشى كىتاب بەزىدە مىڭ پارچە كىتابنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ.
|ئوقيا كۈتۈپخانىسى»دا تىلشۇناسلىق، تارىخ، توپونومىيە، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت، سىياسەت، قامۇسلار، ساياھەتنامىلەر، خاتىرىلەر ۋە نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەر بار. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر تەتقىقاتنىڭ مەنبەسى، بىر ماقالىنىڭ ئاساسى ياكى بىر كىتابنىڭ تۇغۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان ئەسەرلەردۇر.
مەن كىتابنى زىننەت ئۈچۈن سېتىۋالمايمەن. كىتاب ئوقۇش ئۈچۈن، ئوقۇلۇش ئۈچۈن، ئىزدىنىش ئۈچۈن، ئارخىپ ئۈچۈن، قايتا -قايتا ۋاراقلاپ كۆرۈش ئۈچۈن مەۋجۇت. كىتابنىڭ قېرىپ ، چاچلىرىغا ئاق كىرىپ كېتىشىدىن قورقمايمەن؛ قولغىمۇ ئېلىنماي، بىر بۇلۇڭدا ئوقۇلماي چاڭ بېسىپ قېلىشىدىن قورقىمەن.
بىر كىتابخانىنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ تەكچىسىدىكى كىتاب سانىنىڭ ئاز- كۆپلىكى بىلەن ئەمەس، شۇ كىتابلاردىن قانچىسىنىڭ ئادەمنىڭ تەپەككۇرىغا ئايلانغانلىقى، ئوي -پىكىرىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.
شۇڭا «ئوقيا كۈتۈپخانىسى»نىڭ ئىشىكى كىتابنى سۆيىدىغانلارغا ھەمىشە ئوچۇق (گەرچە بەك ئېچىلمىغان بولسىمۇ). بۇ يەردە كىتابلار پەقەت ئوقۇلمايدۇ؛ ئۇلار ھەققىدە پاراڭ قىلىنىدۇ، مۇنازىرە قىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ۋە يېڭى پىكىرلەرنىڭ تۇغۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا «ئوقيا كۈتۈپخانىسى» كىتابلار ھەر خىل يوللار بىلەن يەنى ئىجتىمائى تاراتقۇلار ۋاسىتىسى بىلەن كىتابخانلارغا يەتكۈزىلىدۇ. ئۇ بەزىدە بىر كىتابنىڭ تونۇشتۇرىشى، ياكى بىر پارچە ماقالە، ۋە ياكى بىر ئۈزۈندە سۈپىدىە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.
ئەگەر بىر كىتاب بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن، ئۇنداقتا بىر كۈتۈپخانا بىر مىللەتنىڭ ئەقلىي بايلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
«ئوقيا كۈتۈپخانىسى»نىڭ مەقسىتى كىتاب ساقلاشلا ئەمەس، بىلىمنى داۋاملاشتۇرۇش؛ ئوقۇشلا ئەمەس، ئويلىنىش؛ ئۆگىنىشلا ئەمەس، ئۇنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش.
— ئوقيا

Address

London
WC2H7LU

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Voices of Uyghur Heritage posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Shortcuts

Share

Category