Adim Adim Montessori Eğitimi

Adim Adim Montessori Eğitimi Contact information, map and directions, contact form, opening hours, services, ratings, photos, videos and announcements from Adim Adim Montessori Eğitimi, Education, Fevzi çakmak mh, yavuz selim sk, no 6 , küçük çekmece, Istanbul.

مونتېسسورى ئەڭ ئاۋال پەقەت بىر مائارىپ شەكلى ئەمەس ، يەنى بالىلىرىڭىزنى مۇنداق تەربىيلەڭ ، ساۋادىنى مۇنداق چىقىرىڭ ، مات...
25/08/2019

مونتېسسورى ئەڭ ئاۋال پەقەت بىر مائارىپ شەكلى ئەمەس ، يەنى بالىلىرىڭىزنى مۇنداق تەربىيلەڭ ، ساۋادىنى مۇنداق چىقىرىڭ ، ماتېماتىكىنى مۇنداق ئۆگىتىڭدىن ئىبارەت بىزگە كىچىك ياشتا قالتىس بالا تەربىيلەش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتمەيدۇ .... مونتېسسورى پەقەت ئۆيىڭىزنىڭ ئىچىدە بىر بۇلۇڭنى ئايرىپ پاكار ئىشكاپ قويۇپ بالىڭىزغا ياغاچ ئويۇنچۇقلارنى تىزىپ بېرىشتىن ئىبارەت ئەمەس ...
مونتېسسورى پۈتۈن بىر ھايات ئىستىلى ، بىر ياشاش ئۇسلۇبى ! بالىلارنى پۈتۈن بىر ھاياتقا تەييارلاش جەريانى !
مونتېسسورى مائارىپىنى ئائىلىدە بالىلىرىمغا ئىشلىتەيچۇ دېيىشتىن بۇرۇن ، سىز ئەڭ ئاۋۋال بالىلارغا بولغان كۆز قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىز ، ئۇلارغا ئەڭ توغرا شەكىلدە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىز ئۆزگىرىشىڭىز ، توختىماي ئۆگىنىشىڭىز كېرەك !
مونتېسسورى مائارىپىدىكى ئەڭ ئاساس ئىككى نۇقتا :
1. بالىلارنىڭ ھەر ياش تەرەققىيات باسقۇچىغا ماس ئالاھىدە تۈزەلگەن «ئەركىن » بىر مۇھىت
2. بۇ «ئەركىن »مۇھىتتا ، بالىغا ئەڭ توغرا شەكىلدە ھەمراھ بولغۇچى (يېتەكچى ۋە ياكى ئاتا- ئانا بولسۇن )
بۇنىڭ ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تۆت ئاساس نۇقتا :
1. بالىلارغا ئىشىنىش ۋە بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ؛
2. بالىلارغا ھۈرمەت قىلىش ، چۈنكى بالىلار ھۈرمەت كۆرگەندىلا ئاندىن ھۈرمەت كۆرسىتەلەيدۇ ؛
3. بالىلارنىڭ پۈتۈن تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش؛
4. تەرەققىياتىغا ماس قوللىنىشچان مۇھىت يارىتىش .
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ، مونتېسسورى مائارىپى - ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس يېتىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە تېزلىكىگە ھۈرمەت قىلغان ئاساستا ، پۈتۈن بالىلارنى ئوخشاش قېلىپقا سوقۇش ، ئاق ۋاراققا خەت يېزىش (بالىنىڭ مېڭىسىنى ئاق ۋاراققا ئوخشىتىش ) تىن ئىبارەت بۇرۇنقى مائارىپ ئۇسۇللىرىغا جەڭ ئېلان قىلغان ، بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشتىن باشلاپ ئىچىدە بار بولغان ، پوتانسېيال ، ئېنىرگىيە ۋە ئۆگىنىش ئارزۇسىنى مۇۋاپىق مۇھىت ۋە توغرا بىر ھەمراھ بولغۇچى ياردىمىدە توغرا شەكىلدە ئىشلىتىپ بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى شەكىللەندۈرۈش ، تەرەققىي قىلدۇرىش جەريانىغا ياردەم قىلىش ، يەنى ھاياتقا ماسلىشىشىغا ياردەم قىلىش ، بالىلارنى ھاياتقا تەييارلاشتىن ئىبارەت ...

قەدەممۇ قەدەم مونتەسسورى يەسلى مائارىپى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ
17/07/2019

قەدەممۇ قەدەم مونتەسسورى يەسلى مائارىپى ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش داۋاملىشىۋاتىدۇ

Address

Fevzi çakmak Mh, Yavuz Selim Sk, No 6 , Küçük çekmece
Istanbul

Opening Hours

Monday 09:00 - 17:00
Tuesday 09:00 - 17:00
Wednesday 09:00 - 17:00
Thursday 09:00 - 17:00
Friday 09:00 - 17:00

Telephone

+905349142462

Website

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when Adim Adim Montessori Eğitimi posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The School

Send a message to Adim Adim Montessori Eğitimi:

Shortcuts

Share

Category